د ئۇ ق نىڭ نۆۋەتتىكى يىغىنى گوللاندىيىدە ئېچىلدى


2007.05.07

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى 5‏-ئاينىڭ 6‏- كۈنى گوللاندىيىنىڭ دەن ھاگ يەنى گائاگا شەھىرىدە رەسمىي ئىچىلدى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ۋە دۇنيا قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك يېغىنىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى، چەتئەللىك مۇتەخەسىسىلەر ۋە مىھمانلار بولۇپ 50 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان يېغىن جەريانىدا، تونۇلغان سىياسيۇنلار ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇتەخەسىسسىلىرى ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خەلقئارا جامائەتكە قانداق تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا تىنچ يول بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىش مەسىلىلىرى بۇيىچە دەرس بېرىدىكەن ھەمدە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەت ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىدىكەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.