كۈيتۇن شەھىرىدە يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 5 ئادەم قازا قىلدى


2006.10.05

4 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى ئەتتىگەن سائەت 7 ئەتراپىدا، كۈيتۈن شەھىرىگە تەۋە كەنت تاش يولىدا، يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ماشىنىسى بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان قاتناش ۋەقەسىدە 5 ئادەم قازا قىلغان ۋە 40 نەچچە ئادەم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلانغان.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، كۈيتۈن شەھىرىگە قاراشلىق مەلۇم بىر ئاھالىلەر كومېتىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، پاختا تېرىشش ئەترىتىنىڭ ئىشچىلىرى، يولۇچىلار ئاپتوبوسىغا ئولتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى 131 ‏- پولىكىغا قاراپ يولغا چىققان بولۇپ، ۋېلسىپىتلىك بىر قىزدىن ئۆزىنى قاچۇرغان يۈك ماشىنىسى، يولۇچىلار ئاپتوبوسىغا قاتتىق ئۇرۇلغان. نەتىجىدە ئىككى كىشى نەق مەيداندا جان ئۈزگەن، 3 كىشى دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يولۇچىلار ئاپتوبوسى 29 كىشىلىك بولۇپ، بىراق ئاپتوبوسقا ئولتۇرغان ئادەم سانى 45 كە يەتكەن.

نۆۋەتتە ھادىسىدە يارىلانغانلار، ئىلى ئوبلاستلىق كۈيتۈن دوختۇرخانىسىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈستىدە ئىكەن.

ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ پاختىسىنى ئۆزۈش ئۈچۈن كېتىۋىتىپ، يۈز بەرگەن مەزكۈر قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ قايسى مىللەت ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.

خىتاي، دۇنيا بويىچە قاتناش ۋەقەسى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.