خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە " لېيفىڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتى" نى ئېلىپ باردى


2005.03.06

"شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، ئىدارە ئورگانلارنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ، 12 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۈرۈمچىدىكى كوچىلاردا قار ۋە ئەخلەتلەرنى تازىلىغان. ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە بىۋاستە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ خىزمەتچىلىرى، ھەر قايسى سودا سارايلىرىدا سىياسىي، سەھىيە، قانۇن قاتارلىق تېمىلاردا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان.

خىتاي دائىرىلىرى يەنە " لېيفىڭ" ، " لېيفىڭدىن ئايرىلغان كۈنلەر" قاتارلىق كىنولارنى ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى سودا سارايلىرى ۋە كوچىلاردىكى چوڭ ئىكرانلاردا قويۇپ، كىشىلەرگە " لېيفىڭدىن ئۆگىنىش" تەربىيىسىنى ئېلىپ بارغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ پائالىيەت شەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلغان. جەمئىي بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم سەپەرۋەر قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى "لېيفىڭدىن ئۆگىنىش" نىڭ ئىلغارلىقنى ساقلاش ۋە ئىناق جەمئىيەت قۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بىراق بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر بۇ ھەرىكەتنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لېيفىڭ ئوبرازىنى ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ھازىرقى جەمئىيەتكە ماس كەلمەيدىغان بۇ ئوبرازنى تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق، پۇقرالارنى خىتاي كومپارتىيىسىگە سادىق قىلىپ تەربىيىلەشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.(ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.