ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى مۇبارەكلەش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسى بيۇروسىنىڭ دائىمى ئەزاسى لو گەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش بايرىمىدا ئاتالمىش بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا جار سالدى.
لۇ گەن، ئىلىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنى زىيارەت قىلغاندا، "پەقەت ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرغاندىلا، ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىياتى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىلىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئامان - ئېسەنلىكىنى ساقلىغىلى بولىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.
لۇ گەن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، تېررورچىلارغا قارشى ئىقتىدارنى كۈچەيتىشكە چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا خىتاي دۆلەت كابېنتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، مۇبارەكلەش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇي لياڭيۈي، خوتەننى زىيارەت قىلدى.
لو گەن بىلەن خۇي لياڭيۈيلەرنىڭ پائالىيىتى شۇ جايلاردا تۇرىۋاتقان ھەربىيلەر، قوراللىق ساقچىلار، بىڭتۈئەن، كۆچمەنلەر ۋە پارتىيە - ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىتاي كادىرلار بىلەن ئۇچرۇشۇش ۋە ھال سوراشنى ئاساس قىلىش بولدى.
لو گەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسى قانۇن ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى. چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ ئىلىدا قىلغان سۆزى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىكەن. (ئەركىن)