لو گەن ئالتايدا يەنە "بۆلگۈنچىلەر" گە ھۇجۇم قىلدى


2005.09.27

خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېت سىياسى بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەركىزى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى لو گەن، دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىنى زىيارەت قىلغاندا يەنە ئاتالمىش "مىللىي بۆلگۈنچىلەر" مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى.

لو گەن، زىيارەت جەريانىدا ئالتايدىكى ھەربىي دائىرىلەر، بىڭتۈئەنلىكلەر، كۆچمەنلەر ۋە يەرلىك دائىرىلەرنى ئاتالمىش "مىللىي بۆلگۈنچىلەر" ۋە "تېررورچىلار" غا قارشى كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان.

لو گەن، سىياسى بېيرونىڭ قانۇن ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسۇل دائىمى ئەزاسى بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قەدەم قويغاندىن بېرى ئاتالمىش "مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە تېررورچىلار" مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتىن چۈشۈرمىدى. ئۇ، ئالتايدا "بىز مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ۋە تېررورىزمغا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز شۇنداقلا ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك،" دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قانات يايدۇرىۋاتقان ئاتالمىش تېرورچىلار ۋە بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەرىكەتنى تېررورىزمنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش، دەپ ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.