شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى بىلەن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى
2004.09.09
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى،10 - سېنتەبىر كۈنى مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى پىلان قىلغان .
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى قاتنىشىپ، مۇھىم سۆز قىلىدىكەن. ھۆكۈمەت 9 - سېنتەبىر كۈنى بۇ پائالىيەتتە قالايمىقانچىلىق چىقىشنىڭ بولۇپمۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مىللىي مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى شۇئارلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاپتۇنۇم رايونلۇق بىخەتەرلىك ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە مەكتەپ ئامانلىق ساقلاش بۆلىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئوقۇغۇچىلار توپلاشقان سورۇنلار، ياتاق ۋە ئاشخانىلاردا كۆزەتچىلىك ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن .(ئارزۇ)
©
2004 Radio Free Asia