ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 65٪ كە يەتكەن


2005.08.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 16 - ئاۋغۇست كۈنى ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە 83074 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان. شۇنداق بولغاندا بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى 65٪ كە يەتكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ پارتكوم سىكرېتارى جاۋ دېجۇڭ، بۇ قېتىملىق پۈتۈن مىللىي ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەلىپى بويىچە، توردا قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە مەۋجۇت بولغان بەزى مەسىلىلەرنىمۇ ئېتىراپ قىلىپ، بەزى مەكتەپلەرنىڭ ئارتۇق پۇل يىغىۋېلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرىدا ماڭغۇچى ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىدىن ئالداپ پۇل ئېلىش ئەھۋاللىرىنىڭمۇ سادىر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىمۇ ئاخىرىلىشىپ، بۇ يىل مەزكۇر سىنىپلارغا جەمئىي 3075 نەپەر مىللىي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ 55٪ ئى يېزىلاردىن كەلگەن دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەن. شۇنداقلا مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى نىشانى بولسا، ئۇيغۇر ئېلى يېزىلىرىدىكى دېھقان پەرزەنتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتىنى 90٪ كە يەتكۈزۈش ئىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.