ئۈرۈمچىدە مالايسىيە - خىتاي مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلار مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
2007.12.03
26 - نويابىر ئۈرۈمچىدە مالايسىيە -خىتاي مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلار مۇھاكىمە يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا، ئۇيغۇر ئىلى مۇسۇلمانچە مەھسۇلات كەسپى ۋە سودا ساھەسىدىكى ۋەكىللەر ئۇيغۇر ئىلى مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلارنىڭ مالايسىيادا ئېتىراپ قىلىنىش ۋە سېتىلىش ئىمكانىيەتلىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەن.
شىنخۇا ئاخبارات تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنى مالايسىيانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلار يەرمەنكىسى تەشكىللەش كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىدا ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مالايسىيە باشقا ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشتا كۆپ تەجرىبىگە ئىگە دۆلەت بولۇپ، بۇ مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مالايسىيانىڭ ئىقتىسادى ۋە مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى چۈشىنىش ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇيغۇر ئىلى مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلارنى كەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈرۈمچىدە ھۆكۈمەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان ئەرزدارلار باستۇرۇلماقتا
- ئۈرۈمچىدە مەكتەپلەردىكى " قارا كۈچ" گۇرۇھلارنى تازىلاش ئېلىپ بېرىلماقتا
- تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى
- ئۈرۈمچىدە 18 كىشى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان
- ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا سودا-ئىقتىسادى بويىچە يۇقىرى قاتلام مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- ئۇيغۇر پۇتبولچىلار غالىپ چىقتى
- ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومىدا ۋىزا بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى
- ئۈرۈمچىدە خەلقئارالىق كومپيۇتېر ئۇچۇر تېخنىكىسى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلدى
- " ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى" نىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلدى