ماناس ناھىيىسىدە ئەمگەك كۈچلىرى يېتىشمەسلىك ئەھۋالى يۈز بەرمەكتە


2007.05.10

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھالبۇكى ماناس ناھىيسىدە ئەمگەك كۈچلىرى يېتىشمەسلىكتەك ئەھۋال كۆرۈلدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ماناس ناھىيىسىدىكى تىيەنجې پاختىچىلىق چەكلىك شىركىتىگە بۇلتۇر 100 ئادەم كەمچىل بولغان، شىركەتنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىدە بۇ يىل 30 ئادەم كەمچىل بولۇش ھالىتىگە ئۆزگەرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا 2002 ‏- يىلدىن 2006 ‏- يىلىغىچە، ماناس ناھىيىسى بۇيىچە سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىدىغان كارخانا 180 نەچچىگە يەتكەن. جەمئىيەت 7 مىڭ 30 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەنگەن، نۆۋەتتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 6 مىڭ 815 كە يەتكەن.

بىراق خەۋەردە، ماناس ناھىيىيىسىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ يەرلىك ئەمگەك كۈچلىرى ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئەمگەك كۈچلىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دىيىلمىگەن بولۇپ، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىش ئورۇنلىرىنى خىتايدىن كەلگەن ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن تولدۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت " ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى مەخسەتلىك ھالدا خىتايغا يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىملىياتسىيە قىلىشنىڭ بىر خىل شەكلى ھېسابلىنىدۇ" دېدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.