خىتاي ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى


2004.09.02

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەقىلچى كۈچلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن، يېقىندا تەڭرىتاغ بويلىرىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى.

خىتاي ئازاتلىق ئارمىيە كۈندىلىك گېزىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي دائىرىلىرى خەۋەردە "شەرقىي تۈركىستاننى كونترول قىلىش" نىڭ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق مەقسىدى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي ئارمىيە دائىرىلىرى مانېۋىر جەريانىدا ئاتالمىش دۈشمەن كۈچلەرنى قۇرشاۋغا ئېلىپ يوقىتىش ۋە جەڭ مەيدانىدىكى زەربە بېرىش سىتراتىگىيىلىرىنى مەشىق قىلغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى خەۋىرىدە ھەربىي مانېۋىرنىڭ كونكرېت قايسى جايدا، قايسى ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە قانچىلىك ۋاقىت داۋام ئەتكەنلىكىنى ئىزاھلىمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نىمە سەۋەبتىن مەزكۈر خەۋەرنى ۋاقتىدا ئېلان قىلمىغانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا تاشقۇرغاندا، پاكسىتان بىلەن بىرلىكتە تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەربى مانېۋىر ئېلىپ بارغان ئىدى. بىراق كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىدىن بولغان "خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "خەلقئارا تېررورىزىمغا قارشى كۆرەش" نى باھانە قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي، سىياسىي ۋە باشقا سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تۈردە ئەيىپلىمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.