خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ئايرۇپىلاننى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىگە قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزدى
2004.10.21
خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلاننى گۆرۈگە ئېلىش ۋەقەسىگە قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاخباراتى بولغان تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مانېۋىردا خىتاينىڭ بىر يولۇچىلار ئايرۇپىلانى مەلۇم بىر دۆلەتتىن قايتقاندا، تۆت نەپەر " تېررورچى"نىڭ بۇلىشىغا ئۇچرىغانلىق ۋەقەسى تەقلىد قىلىنغان. خىتاي ساقچىلىرى مانېۋىر جەريانىدا بۇلانغان ئايرۇپىلاننى ئۈرۈمچى ئايرىدۇرۇمىغا قونۇشقا مەجبۇر قىلىش ۋە ئايرۇپىلان بۇلىغۇچىلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى مەشىق قىلغان. مەزكۈر مانېۋىرغا ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندىكى جامائەت خەۋپسىزلىك، ئاۋىئاتسىيە، تاشقى ئىشلار، بىخەتەرلىك، سەھىيە ۋە قوراللىق قىسىم قاتارلىق تارماقلاردىن 600 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى مانېۋىر ئارقىلىق خىتاينىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلارغا چېتىشلىق ئايرۇپىلان بۇلاش ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرى خىتاينىڭ مەزكۈر مانېۋىرنى باشقا جايلاردا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزگەنلىكىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا.
ئۇلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرغا كەلگىچە ئايرۇپىلان بۇلاش ۋەقەلىرى يۈز بەرمىگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە بۇنداق بىر مانېۋىرنى ئېلىپ بېرىشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرنى خەلقئارا تېررورچىلىققا چېتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنىڭ بىر نامايەندىسى ئىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈرۈمچى ئوتتۇرا ئايلانما يول قۇشخانىسى تاقالدى
- بوكس مۇسابىقىسىدە، ئۇيغۇر بوكسچىلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى
- خىتاي ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئېلىدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
- ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا
- كۆمۈر كانلارنى ھەددىن زىيادە قېزىش سەۋەبىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يەر ئاستى قاتلىمى چۆكمەكتە
- خىتاي، پاكىستان ئۇيغۇر ئېلىدە بىرلەشمە ھەربىي مانۋېر ئۆتكۈزدى