ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىلدى
2005.08.31
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىم باش ئەترىتىنىڭ ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى سەيشەنبە كۈنى تېررورچىلىققا قارشى ھەربىي مەشق ئۆتكۈزگەن. "شىنجاڭ گېزىتى" نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ساقچىلار بۇ قېتىملىق ھەربىي مەشىقنىڭ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېررورچىلارنى پەرەزدىكى دۈشمەن قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەلۇم بىر تۈرمىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىشى ۋە بىر بىنادىكى خىزمەتچىلەرنى گۆرۈگە ئېلىشقا ئۇرۇنۇش ئەھۋاللىرىنى تارمار قىلىش مەشىقلىرىنى ئېلىپ بارغان.
قوراللىق قىسىم باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى فەن چاڭجيې، ئۇلارنىڭ بۇ ھەربىي مەشىقنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، "ئەگەر بىز تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنى ئويلايدىكەنمىز، ئۇ چاغدا بىز چوقۇم ئادەتتىمۇ جاپالىق چېنىقىپ، مۇشۇنداق كەڭ كۆلەمدىكى ھەربىي مەشىقلەرنى پات-پات ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك" دېدى.
گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھارپىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى بويىچە قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ مەزگىلدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنى خەلقئارا تېررورچىلىق قۇربانى دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ئۇ يەنە رادىئومىزغا، 28 - ئاۋغۇست كۈنى كەچتە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئات بەيگىسى مەيدانىدا 20 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. لېكىن ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ھازىر نەدىلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورچىلىققا قارشى ساقچى تەربىيىلەش مەركىزى قۇرماقچى
- ۋاڭ لېچۈەن، رابىيە خانىمنى تېررورلۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماقچى دەپ ئەيىبلىدى
- خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئۈرۈمچىدە تەييارلىق توپچىلار پولكىنى قۇردى
- خىتاي تېررورچىلىققا قارشى قانۇن بېكىتمەكچى
- خىتاي، تەكلىماكان چۆللۈكىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يول ياسىماقچى