خىتاي ۋە قازاقىستان بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى
2006.08.21
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى خىتاي ۋە قازاقىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋە ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى پەيشەنبە كۈنى تېررورچىلىققا قارشى بىرلەشمە مانىۋېر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 24- ئاۋغۇستتىن 26- ئاۋغۇست كۈنىگىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا ۋە قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا رايونى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مانېۋىرغا "تەڭرىتاغ – 1 " دەپ نام بېرىلگەن.
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى مانىۋېر بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدا شاڭخەيدا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى يېغىنى جەريانىدا، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەدلىيە دائىرىلىرى ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت باشلىقلىرى شاڭخەيدىكى ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى جەريانىدا ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، دىنىي ئەسەبىلىك، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش ھېلىمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى دەپ، ئەسكەرتكەن ئىدى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھى بىلەن تىل بىرىكتۈرمەكتە، دەپ ئەيىپلىدى
- د ئۇ ق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تېررورچى تەشكىلات ئەمەس دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى
- خىتاي شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكتىگە قارشى خەلقئارا جامائەتنى ياردەمگە چاقىردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى
- خىتاي قازاقىستانغا تۇتۇشىدىغان 2 - تۆمۈر يولنى ياسىماقچى