قازاقىستان بىلەن خىتاي قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا رايونى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئېلىپ بارىدىغان ۋە 26 - ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان تېررورىزمغا قارشى بىرلەشمە مانېۋىرىنى پەيشەنبە كۈنى باشلىدى.
تەڭرىتاغ 1-، دەپ نام بېرىلغان ۋە ئالما-ئاتا رايونىدا باشلانغان مانېۋىر غۇلجا شەھىرىگىچە داۋام قىلىدۇ. ھەر ئىككىلا تەرەپ مانېۋىرنىڭ تەپسىلى دېتاللىرىنى ۋە مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان قىسىملار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلماقتا.
قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى مانېۋىرغا قازاقىستان چېگرا قوغداش قىسىملىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بولسا " ئېنىق بولمىغان ساندا" جۇڭگو ئەدلىيە ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى مانېۋىرنىڭ تۈپ نىشانى تېررورچى، بۆلگۈنچى ۋە دىنىي ئەسەبىيلەرگە قارشى تۇرۇش، دەپ ئەسكەرتمەكتە. ئەركىن ياۋروپا رادىئوسى بولسا مانېۋىرنىڭ 1997 -يىلى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن غۇلجا رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى مەيسى ۋېچىردېن،" گەرچە جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىن قاچقان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى تېررورچى، ئەسەبىي ۋە بۆلگۈنچى، دەپ ئەيىبلىسىمۇ، لېكىن بىز بۇنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتنى كۆرۈپ باقمىدۇق،" دەيدۇ. (ئەركىن)