خىتاي- قازاقىستان بىرلەش مانېۋىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باشلىدى
2006.08.25
خىتاي- قازاقىستان تېررورچىلىققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىرىنىڭ ئىككنچى باسقۇچى شەنبە كۈنى ئەتتىگەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا رايونىدا باشلاندى. خىتاي جامائەت خەۋەپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ مانېۋىرنىڭ بۇ قىسمىدا ھەربىي تېك ئۇچارلار ۋە تانكا ھەربىي ئۈسكۈنلەر ئىشلىتىدىكەن.
مانېۋىرنىڭ بىرىنچى قىسىمى پەيشەنبە كۈنى قازاقسىتاننىڭ ئالما-تا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئۈچ كۈن داۋاملاشقان بۇ مانېۋىرغا خىتاي ۋە قازاقىستان ئەدلىيە دائىرىلىرى ۋە ئالاھىدە ھەربىي قىئىسىملىرى قاتناشقان. بۇ خىتاي ۋە قازاقىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە بىرلىكتە ئېلىپ بارغان تۇنجى مانېۋىر ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى مانېۋىر خىتاي بىلەن قازاقىستان ئەدلىيە دائىرىلىرى ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە تېز جاۋاپ قايتۇرۇش قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قازاقىستان - جۇڭگو تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى باشلاندى
- خىتاي پاكىستان بىلەن بولغان 3 خىل كۈچلەرگە ئورتاق زەربە بېرىش ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
- خىتاي ۋە قازاقىستان بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى
- خىتاي شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھى بىلەن تىل بىرىكتۈرمەكتە، دەپ ئەيىپلىدى
- د ئۇ ق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تېررورچى تەشكىلات ئەمەس دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى