خىتاي- قازاقىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئاخىرلاشتى


2006.08.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

قازاقىستان- خىتاي بىرلەشمە مانېۋىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىككىنچى باسقۇچى يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتى. خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مانېۋىرنىڭ بۇ قىسمىغا يۈزلىگەن ساقچى قىسىملىرى، ئالاھىدە ھەربىي قىسىملىرى ۋە ھەربىي تىك ئۇچارلار قاتناشقان.

خىتاي ۋە قازاق ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرىنچى باسقۇچى قازاقىستاننىڭ ئالما-ئاتا رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە يەنى تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىلىككە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن. شۇنداقلا بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بولۇپمۇ بۇ يىل ماي ئېيىدا خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى نېفىت تۇربا يولى ئىشقا باشلىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىسى تېخىمۇ كۆپەيگەن.

لېكىن بەزى سىياسىي ۋە ھەربىي مۇلاھىزىچىلەر، خىتاي - قازاقىستان چېگرا رايونىدا ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەھدىت قىلىدىغان جىددىي بىر پائالىيەت مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا، خىتاي -قازاقىستان بىرلەشمە مانېۋىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش كۈچ ۋە ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا، ئامېرىكىغا بىر سىگنال ئەۋەتىش بولۇشى مۇمكىن، دېيىشمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئۈچ كۈن داۋاملاشقان مانېۋىرغا مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا رۇسىيە، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن يۈزلىگەن كۆزەتكۈچى قاتناشقان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.