خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى قارا قۇرۇم تاغلىرىدا مانىۋېر ئۆتكۈزدى


2006.09.18

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملىرى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇ ئاينىڭ باشلىرىغىچە قارا قۇرۇم تاغلىرىدا "باتۇر تەڭرىتاغ دىۋىزىيىسى" نام بېرىلگەن ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ھاۋا شالاڭ، قۇم بوران ۋە ئىسسىق ھاۋاغا ماسلىشالايدىغان ئالاھىدە ھەربىي قىسىملارنى قۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. "خەلق گېزىتى" تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مانىۋېر ھەربىي قىسىملارنى ئىگىز ۋە سوغاق رايونلاردا ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن.

بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا - 2 قېتىملىق ھەربىي مانىۋېرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئايدا قازاقىستان بىلەن بىرلىشىپ، غۇلجا شەھىرى ئەتراپىدا تېرورىزىمغا قارشى ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بارغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش 3 خىل كۈچلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا، دەپ ئەيىپلىسىمۇ، لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي تېرورىزىمنى باھانە قىلىپ، ئۆز پىكىرىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلىگەن دىنىي زاتلار ۋە سىياسى كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغان كىشىلەرنى باستۇرماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.