"نورۇزنى" ھاراققا تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىش تالاش - تارتىش قوزغىدى


2006.08.04

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى بىر ھاراق شىركىتىنىڭ " نورۇز " نى ھاراققا تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى رايوندا مىللىي ئەنئەنىسىگە سەزگۈر كىشىلەر ئارىسىدا تالاش - تارتىش قوزغىدى. شىنجاڭ قەشقەر نورۇز ھاراقلىرى چەكلىك شىركىتى، دەپ ئاتلىدىغان بىر كارخانا ھاراق مەھسۇلاتىنى "نورۇز" دىگەن ئىسىم بىلەن چىقارغان ۋە " نورۇز "ھارىقىنىڭ بۇتۇلكا قېپىغا مەسچىتنىڭ رەسىمىنى چۈشۈرگەن.

رايوندا ئۇيغۇرچە چىقىدىغان تور بەتلەر "نورۇز"نى ھاراق ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىشنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت چۈشەنچىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى تالاش - تارتىش قىلماقتا. بۇ ماركا " نورۇز ھاراقلىرى" دىگەن ئىسىم بىلەن قەشقەر پويىز ئىستانسىسى بىناسىغا ئورنىتىلغان. نورۇز ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي بايرىمى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئېتنىك بايرام. " نورۇزنى" ھاراققا تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە قارشى تۇرغۇچىلار، " بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان ياكى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ۋە ئۆرپ - ئادىتى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ ئىسىمنى بۇ مەھسۇلاتقا تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلەتسە بولمايدۇ" دەپ يازماقتا. بەزى كىشىلەر، قەشقەر نورۇز ھاراقلىرى چەكلىك شىركىتى ئۈستىدىن قانۇنى داۋا ئېچىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ھاراقكەشلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ جىسمانى ۋە مەنىۋىي سالامەتلىكىگە زەرەر بېرىش دەرىجىسىگىچە بېرىپ يەتمەكتە بولغان ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە. غەيرى رەسمىي مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسىمى مۇسۇلمانلار بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بويىچە ھاراق زاۋۇتى ئەڭ كۆپ رايون ھېسابلىنىدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.