سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش شىركىتى ئەل- سۇۋەيقەت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى شىنجاڭ قۇرۇلۇش لايىھىلەش شىركىتى بىلەن مەزكۇر رايوندا سودا خاراكتېرلىك بىنا سېلىش قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. كېلىشىم بويىچە ئەل - سۇۋەيقەت شىركىتى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش لايىھىلەش شىركىتىنىڭ بىنا قۇرۇلۇشىغا يەر سېتىۋېلىشى ئۈچۈن 50 مىڭ دوللار زاكالەت بەرگەن. 50 مىڭ دوللار زاكالەت سەئۇدى ئەرەبىستان قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى نەچچە مىليارد دوللارلىق مەبلىغى ئالدىدا ھىچنىمىگە ئەرزىمىسىمۇ ئامما بۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان مەبلىغىنىڭ خىتايغا يۈزلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مەبلەغ سالغان تۇنجى سەئۇدى شىركىتى بولۇپ قالىدۇ.
سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەل-سۈۋەيقەت شىركىتىنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان يىللىق تىجارەت ھەجىمى 4 مىلىيارت 800 مىليون دوللار بولۇپ، مەزكۇر شىركەت بۇ يىلنىڭ باشلىرى شىنجاڭ قۇرۇلۇش لاھىيىلەش شىركىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئاھالىلار ئولتۇراق بىناسى سېلىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. سەئۇدى ئەرەبىستان سودا ئۆمىكى تۇنجى قېتىم 1996 - يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەينى چاغدىكى رەئىسى ئابلەت ئابدىرېشىت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مەبلەغ سېلىش نىيىتىگە كەلگەن سەئۇدىلىق سودىگەرلەرنى گەنسۇغا مەبلەغ سېلىشقا ئۈندىگەن. (ئەركىن)