خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىغا چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلماقتا
2005.07.06
خىتاي مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلىغىنى جەلپ قىلىش كېڭىشىش يىغىنى باشلانغان. "مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىق، تەرەققىيات، كېڭىشىش" نامىدا چاقىرىلغان مەزكۇر يىغىنغا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، رۇسىيە، قازاقىستان، كورىيە ۋە پاكىستان قاتارلىق 13 دۆلەتتىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ھەمدە شىركەت ۋەكىللىرى قاتناشقان.
ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى، تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ يىغىننىڭ، چەتئەل سودىگەرلىرىگە رايوننىڭ ئەڭ يېڭى مەبلەغ سېلىش سىياسەتلىرىنى چۇشەندۈرۈش ھەمدە ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە چاقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستاندىكى زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇرۇپ تۈنۈگۈن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن خىتاي سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بو شىلەي "شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا كۆلىمىنى يەنىمۇ زورايتىش، چەتئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش سەۋىيىسىنى ئىمكانقەدەر تىز يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە نۇقتىلىق مۇھاكىمە ئىلىپ بارىمىز" دېدى.
ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان كانادا ئىقتىساد-سودا ئۆمىكى تەركىبىدىكى كانادا سودا باش ئەلچىسى مايكىل "شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىش" نى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر رايونى ئالتۇن باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، كانادانىڭ ئىككى چوڭ شىركىتىنىڭ قابا ناھىيىسىگە 2 مىليون 400 مىڭ دوللار، تولى ۋە قومۇل رايونلىرىغا 100 مىليون يۇئەن مەبلەغ سېلىپ ئالتۇن قېدىرىش، قېزىش ئىشلىرىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىدىكى بەزى داڭلىق شىركەتلەرمۇ ئۇيغۇر رايونىدا ئالتۇن كانى ئېچىش ھەققىدە ھەمكارلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارى سەككىز دۆلەت بىلەن چېگىرىلىنىدىغان، دۆلەت دەرىجىلىك 17 چېگرا ئېغىزى ئېچىۋىتىلگەن رايون بولۇپ، خىتاينىڭ غەربكە چىقىشتىكى جۇغراپىيىۋى ئەۋزەللىكى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان مۇھىم كۆۋرۈكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇلاھىزىچىلەر، ئۇيغۇر رايونىدا ئېچىلىۋاتقان نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا سانائەت ئەسلىھەلىرىنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت يەتكۈزمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. (ئىلتەبىر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2 - چوڭ چېگرا سودا رايونى ئېچىلدى
- تاشقورغاندا ئۇيغۇر - پاكىستان چېگرا سودا يەرمەنكىسى باشلاندى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- خىتاي نېفىت- خىمىيە شىركىتى، ئۇيغۇر ئىلىدا نېفىت سانائىتىگە يەنە مەبلەغ سالىدۇ
- سەئۇدى ئەرەبىستان قۇرۇلۇش شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇرۇلۇش سودىسىغا مەبلەغ سالىدۇ