ئۇيغۇر دىيارى چەتئەل ۋە خىتاي سودىگەرلىرىنى بېيىتىدىغان پۇرسەتكە ئايلانماقتا
2006.07.20
ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە نۆۋەتتە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان، خەلقئارا كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت كۆرگەزمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىىقنى قوزغىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى كېيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت كۆرگەزمىسىگە نۇرغۇن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، كۆرگەزمىگە رۇسىيە، پاكىستان، قىرغىزىستان، قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر قاتناشقاندىن سىرت، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقان، مەزكۈر كۆرگەزمىدە خەلقئارا سودا ئۆلچىمىگە يەتكەن ئورۇندىن 707 سى تەسىس قىلىنغان ۋە 416 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشقان.
تەڭرىتاغ تورىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى نەيىم ياسىننىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ۋە خىتاينىڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن سودىگەرلەرگە ياخشى سەھنە ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلار ئۈچۈن ئەلا مۇھىت ،ئەلا مۇلازىمەت ۋە ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئۇيغۇر دىيارىدىكى بۇ تەرەققىياتلارنىڭ، بۇ زېمىندا ياشۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدا كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ،شەرقىي تۈركىستان چەتئەل ۋە خىتاي سودىگەرلىرىنى بېيىتىدىغان بىر جايغا ئايلاندى" دېدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار، بۇ خىل كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى ھەتتا يوق دىيەرلىكىنى بىلدۈرۈپ، نەيىم ياسىننىڭ سۆزىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈدى.
دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن جاڭ فامىللىك بىر خىتاي، مەزكۈر كۆرگەزمىگە ئۇدا ئىككى يىل قاتناشقان بولۇپ، ئۇ مۇخبىرلارغا " شىنجاڭ مېنى باي قىلىدىغان ياخشى ماكان" دېگەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ تارىمدا نېفىت - تەبئىي گاز قىدىرىشىغا يول قويماقچى
- خىتاي-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇلۇشى باشلاندى
- نيۇبرىج كاپىتال گۇرۇھى گۇاڭخۈينىڭ 200 مىليون دوللار پاي چېكىنى سېتىۋالماقچى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 150 تۈر بويىچە سودىگەر چاقىرىش پىلانىنى ئېلان قىلدى
- تۇمشۇق شەھىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش سۈرىتى تىزلىتىلمەكتە