خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىۋاستە مەبلەغ سالىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتتى


2007.01.31

'خىتاي ھەققىدە بىلىملەر ' تور بېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىۋاستە مەبلەغ سالىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانىنى 100 گە يەتكۈزۈپ بولغان. چەتئەللەرنىڭ بۇ ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە سالغان مەبلىغى 360 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان چەتئەللەرنىڭ بۇ ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە سېلىۋاتقان مەبلەغلىرى ھەر يىلى 34% لىك نىسبەت بۇيىچە كۆپىيىۋاتىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 5600 كىلومېتىر چېگرىسى چەتئەللەر بىلەن تۇتىشىدىغان بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر 100 دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن 9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سودا قىلىپ، سودىدا 5 مىليارد 170 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پايدا قازىنىپ بولغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.