زىمىنىس شىركىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى


2005.08.23

گېرمانىيىنىڭ زىمىنىس(Siemens) شىركىتى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى بىلەن مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش تۈرلىرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن زىمىنىس شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم، نېفىت - خىمىيە سانائىتى، شەھەر ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ترانسپورت سىستېمىسى، تېلېفون ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى، ترانسپورماتور، تىبابەتچىلىك، يورۇتۇش سىستېمىسى، يۇقىرى بېسىملىق مەھسۇلاتلار، ئاپتوماتىك كونترول سىستېمىسى ۋە بىناكارلىق تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ۋە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتاي سانائىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نېفىت- تەبىئىي گاز ئېنېرگىيە مەنبەئەلىرىگە تايىنىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، خەلقئارا شىركەتلەرنى رايونغا جەلپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

زىمىنىس شىركىتى خىتاي شۆبىسىنىڭ مۇدىرى خاۋ رۇيچىڭ، زىمىنىسنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئەمگەك ھوقۇقى، مۇھىت قوغداش ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. زىمىنىس شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىشخانىسى 2001 - يىلى ئېچىلدى. مەزكۇر شىركەت 2005 - يىلى باگاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى ۋە جوڭگو نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇش شىركىتى بىلەن، مەزكۇر شىركەتلەرنى تېخنىكا ۋە ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەش كېلىشىمى ئىمزالىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.