ئۇيغۇرلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە "ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى" پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ


2006.03.13

مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرى تام لانتوس، فرانك ۋولف قاتارلىق زاتلارنىڭ كاپالىتى بىلەن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس بىناسىدا سەيشەنبە كۈنى "ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنلىكى" ئۆتكۈزىلىدۇ.

"ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى" ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم - كېچەك، يىمەك - ئىچمەك، ئۆرپ - ئادەت، چالغۇ ئەسۋابلىرى، ئۇسۇل، مۇزىكا ۋە تارىخىي مىراسلىرىنى كۆرسىتىشنى ئاساس قىلغان.

"ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى" سەيشەنبە كۈنى كەچ سائەت 5:00 دىن 9:00 لارغىچە داۋام قىلىشى مۈمكىن. خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى بۇ ھەقتىكى تەكلىپنامىسىدا" بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆزگىچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىنى دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە دۆلەت مەجلىسى خادىملىرىغا تونۇشتۇرۇش جەھەتتە مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىمەكتە" دەپ يازغان.

بۇ پائالىيەتكە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى تام لانتوس، فرانك ۋولف ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام خاركىنلار كاپالەتلىك قىلماقتا. ئۇلار مەجلىس ئەزالىرىغا يازغان بىرلەشمە مۇراجەتنامىسىدا، " خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۈركىي خەلقلەر بولغان ئۇيغۇرلار تىبەتلەرگە ئوخشاشلا ، ئۇزۇندىن بېرى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە دۇچ كەلگەن مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش كۈرىشى ئېلىپ بارماقتا " دەيدۇ.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى تام لانتوس، فرانك ۋولف ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى تام خاركىنلارنىڭ مۇراجەتنامىسىدا "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ۋە مائارىپ ئەركىنلىكىنى بوغماقتا. كىتاب ۋە ئىبادەت يەرلىرىنى ۋەيرانە قىلىپ، ئۇيغۇر تىلى مائارىپ سېستىمىسىنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلى سېستىمىسىنى دەسسەتمەكتە " دەپ كۆرسەتتى. ئۇلار مۇراجەتنامىسىدا ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر يىتەكچىلىك قىلغان " ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى" گە تەكلىپ قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.