گېرمانىيىدە ئۇيغۇر ئېلى مەدەنىيەت ھەپتىلىكى ئۆتكۈزۈلمەكتە


2007-09-25
Share

"جۇڭگۇ شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى" نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، 24 ‏- سېنتەبىر كۈنى كەچتە گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى جۇڭگۇ مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بېرلىندىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇر بەكرى، خىتاينىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ما شەنرۇڭ ۋە بېرلىن ئىچكى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل خادىمى فۇرەيبى مەدەنىيەت ھەپتىلىكى مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىش لىنتىسىنى كەسكەن.

نۇر بەكرى مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، " يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ناھايىتى تېز تەرەققى قىلىپ ، مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ بېيىغانلىقىنى، شۇڭا گېرمان خەلقىنىڭ شىنجاڭدىكى تەرەققىياتلارنى كېلىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى " قاتارلىق سىياسىي تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارغان.

ۋەكىللەر ئۆمىكى مەدەنىيەت ھەپتىلىكى ئۆتكۈزۈش داۋامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا ‏- ئۇسۇلى، مىللي كىيىم - كېچىكى، رەسىم، خەتتاتلىق شۇنىڭدەك فىلىم ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرىدىكەن. 28 ‏- ۋە 29 ‏- سېنتەبىر كۈنلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى فرانكفورت بىلەن دۇسەدوف شەھەرلىرىدە ئويۇن كۆرسىتىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققى قىلغانلىقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن، ياۋرۇپادىكى بىر قانچە دۆلەتلەردە "جۇڭگۇ شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى"پائالىيىتى ئېلىپ باردى. شىۋېتسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت كېچىلىكىدە، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار " ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك " " ئۇيغۇرلارغا مۈستەقىللىق" دەپ شۇئارلار توۋلىدى. نورۋىگىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت ھەپتىلىكىدە ئۇيغۇرلار ، سەھنىدە نومۇر كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ئارتىستلىرى بىلەن بىرلىكتە قىسقىغىنا مەشرەپ ئويناپ، ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىشىنى كۆز يېشى بىلەن ئىپادىلىدى. نورۋېگىيە مەتبۇئاتلىرىدا " بۇ مەدەنىيەت خىتايغا تەۋە ئەمەس" دېگەن تېمىلاردا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئوبزور ۋە ماقالىلار ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي بېسىمى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى بايان قىلىندى.

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى گېرمانىيىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت