ئۇيغۇر ئېلىدە تىنچلىق ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشلىرىغا ئۇچراپ كەلگەن ۋە نۇرغۇنلىغان نامايىشچىلار تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ كەلگەن ئىدى.
خىتايلار مەزكۇر نامايىش ۋە تىنچلىق ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ئىپادىلەش ھەرىكەتلىرىدە قولغا ئېلىنغان ياشلارنى ئەزەلدىن بىڭتۇئەن قارمىقىدىكى تۈرمىلەرگە سولىمىغانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلگەن.
ئەمما، "شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات مەركىزى" نىڭ تور بېتىدە 25 - ئاپرىل بېرىلگەن سۈرەتلىك خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، يەرلىكتىن قولغا ئېلىنغان نامايىشىچىلارنىڭ يەنە بىڭتۇئەن تۈرمىلەرگە قامالغانلىقى مەلۇم.
خەۋەردە، "ئىلى گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە سۈرەتلىك خەۋەردە بېرىلگەن مەلۇماتلاردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، 3- ئاينىڭ 27 - كۈنى بىڭتۇئەنىنىڭ ئىلىدە تۇرۇشلۇق 4- دىۋىزىيىسى سوت مەھكىمىسى سوتچىلىرى، "قورغاس بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تۈرمىسى" گە كېلىپ مەزكۇر تۈرمىگە سولانغان تۇرغان ئىسىملىك بىر مەھبۇسقا قانۇن تەربىيىسى ئېلىپ بارغانلىقى ئېيتىلغان.
شەرقى تۈركىستان ئاخبارات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى بىڭتۇئەن تۈرمىلىرىدە ياتماقتا ئىكەن.
1997-يىلىدىكى "5 - فېۋرال" كۈنى مىڭلىغان غۇلجا ياشلىرى تىنچلىق يوسۇندا نارازىلىق نامايىشى ئىلىپ بارغان ئىدى. ئەمما بۇ نامايىش خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان بولغاچقا "5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" دەپ ئاتالغان بولۇپ، ھەر يىلى 2 -ئاينىڭ 5- كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ ۋەقەنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ مەزكۇر ۋەقەدە قازا قىلغانلارنى ئەسلىشىپ ئۆتىدۇ. (جۈمە)