ئىستامبۇلدىن ئىگىلىشىمىزچە، 16-17-دېكابىر كۈنلىرى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى "ۋېفا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى" نىڭ يىغىن زالىدا 11-ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەخمۇت قەشقەرى ھەققىدە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان.
تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بېرىپ، يىغىن ئېچىلىشىنىڭ مەقسىتىنىڭ مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پەخرىي رەئىسى گېنېرال رىزا بېكىن ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن. شۇنىڭدەك يەنە مەھمۇد قەشقەرى ۋە بارلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈكى، مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش يولىدا ۋاپات بولغان ئەزىمەتلەرگە ئاتاپ خەتمە قۇرئان قىلىنغان.
مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ مەرھۇم پېشىۋالىرىدىن، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىقلارنىڭ ھاياتى ئەسلىنىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، يىغىندا تۈركىيىنىڭ ئاتاقلىق تارىخشۇناسلىرىدىن پروفەسسور گۈلچىن چانداروغلى خانىم، پروفەسسور زەكەرائىيا كىتاپچى شۇنىڭدەك تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، دوكتور سۇلتان مەھمۇد قاتارلىقلارمۇ قاتنىشىپ، ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.
مەلۇمكى، بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ قەشقەر شەھىرىدە مەھمۇد قەشقەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن چوڭ بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان بولۇپ، بۇنىڭدا پېشقەدەم ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن ئىمىن تۇرسۇن، ئۇيغۇر سايرامى قاتارلىقلار ماقالە ئوقۇغان، ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەمەت مەخمۇد قەشقەرىنىڭ تۇنجى پورتېرىت رەسىمىنى سىزىپ چىققان ئىدى. (ئۈمىدۋار)