ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابلىكىم ئۆز خىراجىتى بىلەن خوتەندە مەكتەپ قۇردى


2005.05.20

ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابلىكىم كامال ئۆز يانچۇغىدىن 1 مىليون 400 مىڭ يۇئەن پۇل چىقىرىپ، ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يۇرتى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىغا بىر مەكتەپ سېلىپ بەردى.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، "ئىگىلىك تىكلەش ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى" دەپ نام بېرىلگەن بۇ مەكتەپ، بۇ يىل 5 - ئايدا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلىغان. بۇنىڭدىن خۇشال بولغان دېھقانلار ئابلىكىم كامالغا كۆپ رەھمەت ئېيتىشقان ھەمدە ئابدۇكېرىم ئىسىملىك بىر دېھقان 8 ياشلىق ئوغلىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ، " بالام، ئەمدى مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن كۈندە 10 كىلومېتىر يول مېڭىپ يۈرمەيدىغان بولدۇڭ" دېگەن.

50 ياشلاردىكى ئابلىكىم كامال 18 يېشىدا يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئۈرۈمچىگە تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن بارغان. ئۇ، شۇندىن بۇيان جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق يوقتىن بار بولۇپ، ئاخىرى ئۆز ئىگىلىگىنى ياراتقان. ھازىر ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا مال يۆتكەش شىركىتى بولغان.

مەكتەپ يۈزىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئابلىكىم كامال يۇرتىدىكى شارائىتنىڭ ناچارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماي، بۇ يەرگە بىر مەكتەپ قۇرۇپ بېرىش قارارىغا كەلگەن. شۇنداقلا مەزكۇر مەكتەپ قۇرۇلۇشى 9 - ئايدا پۈتسە، پۇرچاقچى يېزىسىدىكى ھەر قايسى كەنتلەردىن بولۇپ 1000 دىن ئوشۇق بالا بۇ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.