مائارىپ نازارىتى جىگەر ياللۇغىغا گىرىپدار بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇشتىن ھەيدىگەنلىكىنى ئاقلىدى


2006.11.06

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدىكى كۆپ قىسىمى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان 19 نەپەر جىگەر ياللۇغى ئوقۇغۇچىسىنى ئۆيىگە قايتۇۋەتكەنلىكى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلان قىلىپ، مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارىنى ئاقلىدى.

مائارىپ نازارىتى، "باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىمار ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە داۋالىشىغا ئېھتىياج بولغانلىقى ئۈچۈن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغانلىقىنى" بىلدۈرمەكتە. بۇ ۋەقە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىنتېرنېت ۋە مەتبۇئاتلاردا تالاش - تارتىش قوزغاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ تەلىم - تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ۋە بىكار ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى قار لەيلىسى ئەيدىز ياردەم جەمئىيىتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنى ئەيىبلەپ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن سوت بۇ ئەرزنى قوبۇل قىلمىغان ۋە قار لەيلىسى جەمئىيىتى پىچەتلەنگەن.

مائارىپ نازارىتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەمسىتىلگەنلىكىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۇرتىدا قايتا ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ ۋەقەدە ئاخبارات ئورۇنلىرىنى ئەيىبلىگەن مائارىپ نازارىتى، "بەزى مەتبۇئاتلار بۇ ۋەقەنى ئاشكارە تالاش - تارتىش قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىۋەتتى،" دەيدۇ. لېكىن شەھەرلىك مائارىپ دائىرىلىرىنى ئەيىبلىگۈچىلەر، شىنجاڭ تىببئىي ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇۋەرسە بولىدۇ، دەپ دىئاگنوز قويغان بولسىمۇ، لېكىن مائارىپ ئىدارىسى بۇنى ئىناۋەتكە ئالمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. مائارىپ نازارىتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ 10 - ئۆكتەبىردە بۇ ئوقۇغۇچىلارغا قايتا دىئانوز قويغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.