ئالمۇتىدىن تارقىتىلىدىغان " ئۇيغۇرلار بىز" تورىنىڭ يېزىشىچە، بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئالمۇتىدىكى قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى، قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، ناخشا كېچىلىكىگە قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك سىمفونىيىلىك ئوركېستىر، "ناۋا" ئانسامبىلى، " رۇخسارى" ۋە "تاجىنىسا" ناملىق ئۇسۇل ئانسامبىلىلىرى شۇنىڭدەك "دەرۋىشلەر" قاتارلىقلار ياشلار سەنئەت گۇرۇپپىلىرى ئىشتىراك قىلغان.
قازاقىستانغا تونۇلغان سەنئەت ئەربابلىرى ناخشا ئورۇندىغان.
قۇددۇس غوجامياروف 1919 - يىلى قازاقىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا موسكۋا مۇزىكا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ھەمدە 1944 - يىلىدىكى مىللىي ئىنقىلاب قەھرىمانى رىزۋانگۈلگە بېغىشلانغان "رىزۋانگۈل سىمفونىيىسى" ئۈچۈن ستالىن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئۇ، ئىلگىرى - كېيىن ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى ئاساس قىلغان" تەكلىماكان" قاتارلىق 4 سىمفونىيە ئىجاد قىلغان بولۇپ، قازاقىستان دۆلەتلىك مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى ۋە ئاساسىنى سالغۇچى سۈپىتىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭغا ئەينى ۋاقىتتا ئەڭ ئالىي ھېسابلانغان سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئارتىسى ۋە قازاقىستان خەلق ئارتىسى ھەم جۇمھۇرىيەت سەنئەت ئەربابى قاتارلىق ئالىي ناملار بېرىلگەن ئىدى.
قۇددۇس غوجامياروف كۆپلىگەن ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرىنى تەربىيىلەپلا قالماستىن بەلكى، قازاقىستاننىڭ بۈگۈنكى ۋاقىتتىكى كۆپلىگەن مەشھۇر قازاق، رۇس ۋە باشقا مىللەتتىن بولغان مۇزىكانتلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن ئىدى. ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر تىياتىرىغا ئۇنىڭ نامى بېرىلگەن.