دۇنيا مەتبۇئاتلىرى نۇر بەكرىنىڭ رابىيە خانىم ھەققىدىكى سۆزلىرىگە باھا بەرمەكتە


2007.01.08

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى "ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى" دەپ تەرىپلىشىگە نىسبەتەن رەسمىي رەۋىشتە ئىنكاس قايتۇرۇشى، خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان، 2006‏- يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتى رابىيە قادىرنى "بۆلگۈنچى" ۋە " تېررورچى" دەپ ئەيىبلەش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ ، دېيىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇئاۋىن سېكرېتارى نۇر بەكرى چەتئەللەردىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى "ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى" دەپ ئاتىشىغا رەددىيە بېرىپ" بۇ بىمەنىلىك" دەپ ئاتىغان.

خەۋەردە، رابىيە قادىرنىڭ 2006‏- يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى جۈملىدىن ئۆتكەن ئاي كانادا پارلامېنتىدا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2005‏- يىلى مارت ئېيىدا خەلقئارا جامائەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن رابىيە قادىرنى قويۇپ بەرگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە شۇنداقلا، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيىتى تالاش-تارتىشتىكى بىر ھاكىمىيەت ، ئۇيغۇرلار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى، تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە، دەپ كۆرسەتتى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.