خەلقئارا مەتبۇئاتىنىڭ دىققىتى ئۇيغۇرلاردا

تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ناملىق تەشكىلاتنىڭ يېقىندا ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلغان باياناتى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايدىكى تېررور تەھدىتى ھەققىدىكى بىر - بىرىگە زىت باياناتلىرى، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنىڭ قايتىدىن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولدى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.08.02

 تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ناملىق تەشكىلاتنىڭ يېقىندا ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلغان باياناتى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايدىكى تېررور تەھدىتى ھەققىدىكى بىر - بىرىگە زىت باياناتلىرى، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنىڭ قايتىدىن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولدى.

ھەر كۈنى دېگۈدەك خەلقئارا مەتبۇئاتتا، ئۇيغۇرلار، شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا شۇنىڭدەك تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنىڭ نىشانى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلماقتا.

7‏ - ئاينىڭ 31‏ - كۈنى ئامېرىكىدىكى مۇھىم ۋە نوپۇزلۇق تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ بېرى ھېسابلانغان تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى تەرىپىدىن ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان "ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭ رايونى" ۋە " شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى" ناملىق ئىككى ماقالە بۇ نىڭ يىرىك مىسالىدۇر.

بىرىنچى ماقالىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى، تەبئىي بايلىقلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھاكىمىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان ئىقتىسادىي ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي يۆتكەش سىياسىتى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتلەر، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن قانداق پايدىلانغانلىقى، قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن.

تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىككىنچى ماقالىدە بولسا، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بىرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى، بۇ تەشكىلاتنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ بار ياكى يوقلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتكە قارشى ئالغان تەدبىرلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈچۈن تەھدىت بولۇپ - بولمىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىلگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.