ئۇيغۇر ئىلىدە مىيىپ بالىلارنىڭ ئاز دېگەندە 40 % ى ئوقۇشسىز قېلىۋاتىدۇ


2008.01.25

ئۇيغۇر ئىلىدە مىيىپ بالىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىش نىسبىتى خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكە - ئاپتونوم رايون ۋە ئالاھىدە شەھەرلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ،ئوقۇش يېشىدىكى مىيىپ بالىلارنىڭ ئاز دېگەندە 40 % ى مەكتەپكە بارالمايدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتىنىڭ پارتىيە سېكرىتارى جاۋ دېجۇڭنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايون مائارىپ خىزمەت يىغىنىدا ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلىدە ئوقۇش يېشىدىكى مىيىپ ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 59% بولۇپ، ئاز دېگەندە 40 % ئۆسمۈرنىڭ ئوقۇشسىز قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

جاۋ دېجۇڭ يەنە ، بۇ نىسبەت خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاينىڭ 2006 ‏- يىلدىكى ستاتىستىكىسىدا شۇ يىلى ئۇيغۇر ئىلىدىكى 15 ياشتىن تۆۋەن مىيىپ ئۆسمۈرلەرنىڭ سانىنى 35 مىڭ 818 دەپ ئېلان قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۈرۈمچى، قاراماي، غۇلجا، شىخەنزە، چۆچەك، قەشقەر ۋە كورلىدىن ئىبارەت 7 شەھەردە مىيىپلار مەكتىپى بولغاندىن سىرت، قالغان شەھەرلەردە مىيىپلار مەكتىپى يوق ئىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى يولغا قويۇلغانغا خېلى يىللار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى مىيىپ بالىلارغا 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىنى بۇ يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇشنى قارار قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دائىرىلەرنىڭ 2008 ‏- يىلدىن 2012 ‏- يىلغىچە ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىيىپ ئۆسمۈرلەرگە قارىتا " ئالاھىدە مائارىپ تەرەققىيات پىلانى " ھازىرلاپ، نوپۇسى 30 مىڭدىن ئاشىدىغان ھەر بىر ناھىيە ۋە شەھەردە بىردىن مىيىپلار مەكتىپى قۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇرلاردىكى مىيىپلار مەسىلىسى ھازىرغا قەدەر جەمئىيەت تەرىپىدىن كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمەي كەلگەن جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.