ئۇيغۇر ئىلىدە مىيىپ بالىلارنىڭ ئاز دېگەندە 40 % ى ئوقۇشسىز قېلىۋاتىدۇ
-
2008-01-25 -
-
-
ئۇيغۇر ئىلىدە مىيىپ بالىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىش نىسبىتى خىتايدىكى ھەر قايسى ئۆلكە - ئاپتونوم رايون ۋە ئالاھىدە شەھەرلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ،ئوقۇش يېشىدىكى مىيىپ بالىلارنىڭ ئاز دېگەندە 40 % ى مەكتەپكە بارالمايدىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتىنىڭ پارتىيە سېكرىتارى جاۋ دېجۇڭنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايون مائارىپ خىزمەت يىغىنىدا ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلىدە ئوقۇش يېشىدىكى مىيىپ ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى 59% بولۇپ، ئاز دېگەندە 40 % ئۆسمۈرنىڭ ئوقۇشسىز قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
جاۋ دېجۇڭ يەنە ، بۇ نىسبەت خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاينىڭ 2006 - يىلدىكى ستاتىستىكىسىدا شۇ يىلى ئۇيغۇر ئىلىدىكى 15 ياشتىن تۆۋەن مىيىپ ئۆسمۈرلەرنىڭ سانىنى 35 مىڭ 818 دەپ ئېلان قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۈرۈمچى، قاراماي، غۇلجا، شىخەنزە، چۆچەك، قەشقەر ۋە كورلىدىن ئىبارەت 7 شەھەردە مىيىپلار مەكتىپى بولغاندىن سىرت، قالغان شەھەرلەردە مىيىپلار مەكتىپى يوق ئىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى يولغا قويۇلغانغا خېلى يىللار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى مىيىپ بالىلارغا 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىنى بۇ يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇشنى قارار قىلغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دائىرىلەرنىڭ 2008 - يىلدىن 2012 - يىلغىچە ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىيىپ ئۆسمۈرلەرگە قارىتا " ئالاھىدە مائارىپ تەرەققىيات پىلانى " ھازىرلاپ، نوپۇسى 30 مىڭدىن ئاشىدىغان ھەر بىر ناھىيە ۋە شەھەردە بىردىن مىيىپلار مەكتىپى قۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇرلاردىكى مىيىپلار مەسىلىسى ھازىرغا قەدەر جەمئىيەت تەرىپىدىن كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمەي كەلگەن جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋاڭ لېچۈەن : ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىل مائارىپىنى قىلچە تەۋرەنمەي يولغا قويۇش كېرەك
- خىتاي ئۇيغۇر ئىلىدە مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنى ئىزچىل كۈچەيتمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئاسپېرانتلىققا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى ئازايدى، لېكىن يەرلىك ئىلتىماسچىلار كۆپەيدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ رايونلىرىدا خىتايچە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانىنى يىلدىن - يىلغا كۆپەيتمەكتە
- خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قوش تىل مائارىپى" قەدىمىنى ۋە "قوش تىل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى ئىلگىرى سۈرۈش" ئىستراتېگىيىسى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئۆسمۈرلەرگە خىتايچە ئۆگىتىش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجراتتى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا كەنتلىرىگىچە " قوش تىللىق " مائارىپ سىياسىتىنى كېڭەيتمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەككىز شەھەردە " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" تەسىس قىلىندى