مىللى ئارمىيە خاتىرە كۈنى


2007.04.08

4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە داۋاملاشقان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئاۋانگارت مۇنتىزىم قوشۇنى مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلغان 62 يىللىق خاتىرە كۈنى. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچى ئوفىتسېرلىرى تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

مىللىي ئارمىيە 1945-يىلى 8-ئاپرىل كۈنى رەسمىي قۇرۇلۇپ، غۇلجىدىكى ۋاڭ قادىر بېغىدا بايراق تاپشۇرۋەلىش مۇراسىمى ۋە پارات ئۆتكۈزگەن.

مىللى ئارمىيە رەسمىي قۇرۇلغاندا پالىنوف باش قوماندانلىقىقا، ئىسھاقبەگ مۇنۇنۇف، زۇنۇن تىيىپۇفلار مۇئاۋىن قوماندانلىققا، ماجروف باش شتاپ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. شۇنىڭ بىلەن مىللى ئارمىيە ئىچىدە ئۇنۋان ۋە دەرىجە تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. بۇ چاغدىكى ئۇنۋان ناملىرى كۆپرەك سوۋىت ئىتتىپاقى ھەم روسىيە ئارمىيىلىرىدە قوللىنىلغان ئاتالغۇلار ئىدى.

مىللىي ئارمىيىنىڭ ئەڭ ئالىي ھەربى ئۇنۋانى - مارشال بولۇپ، بۇ جۇمھۇر رەئىس ئەلىخان تۆرىگە بېرىلگەن. مىللىي ئارمىيىنىڭ كېيىنكى باش قوماندانى ئىسھاقبەگكە گېنېرال لېيتېنانتلىق ئۇنۋانى، پالىنوپ، ماجاروپ، دەلىلقانلارغا گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانلىرى بېرىلگەن.

مەلۇماتلارلارغا قارىغاندا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئىلگىرى كېيىن 25 ئادەمگە پولكوۋنىكلىق، 50 ئادەمگە پودپولكوۋنىكلىق، 60 تىن ئارتۇق ئادەمگە مايورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە ئوتتۇرا توۋەن دەرىجلىك ئۇنۋانلىق ئوفىتسېرلارمۇ خېلى كۆپ بولغان.

مىللىي ئارمىيىنىڭ ئادەم سانى تازا كۆپەيگەندە 30 مىڭدىن ئاشقانلىقى مەلۇم. مىللىي ئارمىيە ئىلگىرى كېيىن جىڭ، شىخو، ھەرەمباغ قاتارلىق جايلاردىكى چوڭ جەڭلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز قېتىم چوڭ جەڭ، 36 قېتىم ئوتتۇرا دەرىجلىك جەڭ قىلغان بولۇپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتقان، بەش مىڭ ئەتراپىدا دۈشمەننى ئەسىرگە ئالغان.

مىللىي ئارمىيە "شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئالغا" دېگەن خەتلەر يېزىلغان بايراقنى تاكى 1949-يىلى 10-ئايغىچە كۆتۈرگەن ئىدى. ھەر مىللەت خەلقىدىن تەشكىللەنگەن مەزكۇر باتۇر ئارمىيە 1950-يىلى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىنىڭ 5- كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.