خىتاي مىللىي ئىشلار تۈپەيلى مەيدانغا كېلىۋاتقان زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھسى تۈزۈپ چىقىشنى پىلانلىماقتا
2007.03.29
خىتاي دۆلەت كابېنتى ئىشخانىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان "ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرى، 11 - بەش يىللىق پىلانى" دا، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى سىستېمىسىنى باھالاش، مىللىي توقۇنۇشلاردىن كېلىپ چىققان زىددىيەت ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تاقابىل تۇرۇش ھەمدە مىللىي بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قانۇن بۇيىچە زەربە بېرىش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دوكلاتتا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنى، مىللىي نەزەرىيە سىياسەت ھەمدە مىللىي قانۇن - نىزام تەشۋىقاتلىرى بىلەن ياخشى تەربىيىلەش، نەشرىياتچىلىق، رادىئو - تېلېۋىزىيە ۋە كىنوچىلىق شۇنىڭدەك ئىنتېرنېت ئۇچۇر ساھەسىگە قارىتىلغان باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋىي مەتبۇئاتلارنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوينايدىغان تەشۋىقات رولىنى ئاشۇرۇش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بۇيىچە زەربە بېرىش، مىللىي ئىتتىپاقلىقنى ھىمايە قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئەندىشە قىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر قەيت قىلىنغان.
"ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرى، 11 - بەش يىللىق پىلانى" دا يەنە، " تەيۋەندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن مەدەنىي مائارىپ ھەمكارلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بولۇپمۇ ئىككى قىرغاقتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىش، دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەسسە قوشۇش" دېگەنلەر ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
سىياسىي ئانالىزچىلار "ئاز سانلىق مىللەت ئىشلىرى، 11 - بەش يىللىق پىلانى" نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى، نۆۋەتتە ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر قانچە مۇھىم مەسىلىلەر تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ سىياسىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىشى شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان "تەيۋەن" مەسىلىسى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ مۇقىملىقنى قوغداشقا چاقىردى
- نۇر بەكرى: "شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى كۈزدە تۇتۇپ، شىنجاڭنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك"
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ بايانلىرىغا رەددىيە بەردى
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ھۆججەت تارقىتىپ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ساقلاشنى تەكىتلىگەن
- نۇر بەكرى، ئۇيغۇر ئېلى "تارىختىكى ئەڭ ئەۋزەل شارائىتتا" دەپ كۆرسەتتى