ئۇيغۇر ئېلىدىكى داڭلىق قىزىل مىڭئۆي نۆۋەتتە بىر قىسىم ساياھەتچىلەرنىڭ قالايمىقان خەت يېزىشى ۋە ئۆڭكۈر تاملىرىنى تۇتۇشى سەۋەبىدىن تۈرلۈك بۇزغۇنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە.
تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېتنلىقىنىڭ بېيجىڭ رادىئو تورىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، قىزىل مىڭئۆينىڭ تاملىرىدىكى نەپىس قەدىمىي سۈرەتلەرگە قارايدىغان بولسىڭىز، بەزىلىرىدە كىشىلەرنىڭ بارماق ئىزلىرى ۋە يەنە بەزىلىرىدە بولسا، خىتايچە " پالانى كىشى بۇ يەرگە كېلىپ كەتكەن" دېگەندەك سۆزلەرنى ۋە تام سۈرەتلىرىنىڭ ئۈستىگە سىزىلغان ھەر خىل رەسىملەرنى كۆرىدىكەنسىز.
ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ مەدەنىيەتسىز ھەرىكەتلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك ئىزنالارغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالماقتا. ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە بۇ قىزىل مىڭئۆي ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ يەردىكى 236 ئېغىز ئۆيدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىدىكى مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تام سۈرەتلىرى ۋە ھەيكەللىرى ئورۇنلاشقان.
ھەر يىلى بۇ يەرگە خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ۋە چەتئەللەردىن نۇرغۇن ساياھەتچىلەر كېلىدۇ. شۇڭا بۇ قىزىل مىڭئۆي ھازىر جىددىي قوغدىلىشقا ئېھتىياج بولماقتا. (پەرىدە)