ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا مۆلدۈر يېغىپ كەتتى


2005.05.20

سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇش ۋە ھاۋا كېلىماتى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كېتىش سەۋەبىدىن، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 9 ناھىيە، شەھەردە قاتتىق مۆلدۈر يېغىپ كەتكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، مۆلدۈر يېغىش ئەھۋالى ئاساسلىقى، توقسۇ، باي، ئۈچتۇرپان ۋە مارالبېشى قاتارلىق جايلاردا بىر قەدەر ئېغىر بولغان.

شۇنداقلا قاتتىق يامغۇر ئارىلاش ياغقان مۆلدۈر سەۋەبىدىن، بۇ رايونلاردا ئەمدىلا مايسا چىقارغان پاختا قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. تەخمىنىي مۆلچەرگە قارىغاندا، ھازىرغىچە زىيانغا ئۇچرىغان زىرائەت مەيدانى 200 مىڭ موغا يەتكەن.

مۆلدۈر ئاپىتى ئەڭ ئېغىر بولغان جاي ئاۋات ناھىيىسى بولۇپ، ھەتتا ئەڭ يوغان ياغقان مۆلدۈرنىڭ دىئامېتىرى 2 سانتىمېتىر بولغان. شۇنداقلا، مۆلدۈر ئۆتكەندىن كېيىن، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 350 تۇياقتىن كۆپ قوي توڭلاپ ئۆلگەن ھەمدە تەخمىنەن 85 مىڭ مو كېۋەزلىك ۋەيران بولغان. ھازىر بۇ يەردىكى ئىقتىسادىي زىياننىڭ 43 مىليون يۇئەنگە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.