گېنىتىكىلىك تەكشۈرۈش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر ھەقىقەتنى ئىسپاتلىدى

JAPAN-CHINA-SILK-ROAD-EX-60.jpg
ياپونىيە ژورنالىستلىرى 15-ئاپرىل كۈنى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ئېچىلغان يىپەك يولى كۆرگەزمىسىدە، 2002-يىلى كروراندىن تېپىلغان موماينى زىيارەت قىلماقتا. AFP

گېنىتىكىلىك تەكشۈرۈش، تارىم ئويمانلىقىدىن تېپىلغان قەدىمقى جەسەتلەرنىڭ ئىرقىي تىپى توغرىسىدىكى سىياسى تالاش - تارتىشلارنى چەتكە قېقىپ، تارىمدىكى قەدىمقى جەسەتلەرنىڭ كافكاز تىپىدىدىكى خەلقلەرگە تەۋەلىكىنى ئېنىقلىغان.

قەدىمى جەسەتلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس، "تارىم ئويمانلىقىدىكى موميالار" ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى پروفېسسور ۋىكتور مەيىر، "زامانىمىزدىكى DNA ئۈلگىلىرىنى قەدىمقى دەۋردىكى DNA ئۈلگىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار كافكازلار ۋە شىمالى ئاسىيالىقلار بىلەن ئارىلاش تىپتىكى ئىنسانلار ئىكەنلىكى كۆرسەتمەكتە ،" دەپ تەكىتلىگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇچۇرنى ئېلان قىلىشنى ھازىرغا قەدەر كېچىكتۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى بۆلۈنۈش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

خىتاي ئارخېئولوگى ۋاڭ خۇابىڭ بىلەن تارىخشۇناس جى خيەنلىنلار "شىنجاڭدىكى قەدىمىي جەسەتلەر" ناملىق كىتابىدا، "ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەر" نىڭ قەدىمىي جەسەتلەرنى "شىنجاڭ" جوڭگونىڭ بىر قىسىمى ئەمەس، دېگەن نەزىرىيىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەستەك قىلىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما پروفېسسور ۋىكتور مەيىر، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا "قەدىمقى جەسەتلەر مەسىلىسىنى سىياسىلاشتۇرۇش شۇنداقلا بۇنىڭدىن بىر توقاي ئىختىلاپلارنى يارىتىش كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر ئىش،" دەپ كۆرسەتكەن.

يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈۈئەن، "شىنجاڭ تارىخى زور سىياسى مەسىلە" دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. (ئەركىن)