خىتاي ھۆكۈمىتى مۇھاجىرلارنىڭ 2007 - يىللىق شىنجاڭغا ئىئانە قىلىش پائالىيىتى باشلىدى


2007.03.18

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭدا "دۇنيا جۇڭگولۇق ھەمدە جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرى بىرلەشمىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىرلىكتە ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. ھەمدە بۇنىڭ بىلەن خىتاي سودىگەرلىرى ھەمدە خىتاي مۇھاجىرلىرىنىڭ بۇ يىللىق شىنجاڭغا ئىئانە قىلىش پائالىيىتى باشلانغان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى، بارلىق جۇڭگولۇق ھەمدە جۇڭگولۇق مۇھاجھىرلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە بۇ تەشكىلات ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات رايونلار، ھەمدە ئۈمۈد مەكتەپلىرىگە 20 مىليون يۈ|ئەن قىممىتىدە پۇل ۋە ماددى بويۇملارنى ئىئانە قىلغان.

نۆۋەتتە چەتئەلدىكى بەزى شىركەت ھەمدە سودىگەرلەر ئۇيغۇر ئېلىغا ھەر تۈردە مەبلەغ سالغاندىن باشقا ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنىمۇ ئېلىپ بارماقتا. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى ئۇيغۇر خالىس ئىئانە قىلغۇچى مۇھاجىر ياكى سودىگەرلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق ئىشلار ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلىشىغا يەنى مەكتەپ قۇرۇش، مەسچىت قۇرۇشقا ئوخشاش خالىس ئىشلىرىغا تۈرلۈك چەكلىمە قويۇپ توسقۇنلۇق قىلىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا بەزى ساخاۋەتچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياردەمگە مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىش نىيىتىدىن يېنىشقا مەجبۇر بولغان.

خەلقئارالىق بەزى فوندى جەمىيەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە مەخسۇس تۈرلەر بويىچە تۇراقلىق ياردەم سوممىسىمۇ ئاجراتقان. ئەمما بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا ھۆكۈمەت دائىرلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە قىلىنغان ئومۇمىي ياردەم سوممىسى ھەمدە ئۇنىڭ تەقسىملىنىشى ھەققىدە ئۇچۇق ھېساپ كىتاپ قىلمىغان شۇنداقلا ھەقىقىي ياردەمگە مۇھتاج نامرات ھەمدە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ھۆكۈمەت ياكى خالىس كىشىلەر تەرىپىدىن ياردەمگە ئېرىشىشى تەس بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن. 2004 - يىلى قەشقەر چوڭقۇرچاقتا يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈچ كۈنگىچە قۇتقۇزۇش ھەمدە ياردەمگە ئېرىشەلمىگەن ئىدى. ھەتتا ئۆيسىز قالغان بەزى دېھقانلار قىشنىڭ سوغاق كۈنلىرىدە بىر قانچە ئايغىچە كەپىلەردە ياشىدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.