ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئىگىلىك يەر- مەيدانلىرىنىڭ مۇھىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا
2004.09.27
خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان .
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىمىيىلىك ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىلىشى ۋە شەھەر، ناھىيە، بازارلاردىكى كېرەكسىز سۇلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىغا ئېقىپ كىرىشى نەتىجىسىدە،دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ مۇھىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە مۇھىتى زىيانسىز دەپ قارالغان دېھقانچىلىق مەيدانى پۈتۈن دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ بەشتىن بىرىگىمۇ يەتمەيدىكەن.(ئارزۇ)
©
2004 Radio Free Asia