ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس، بايلىق ۋە مۇھىت ۋەزىيىتى خەتەرلىك

ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت رادىئوسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنىشىچە، 19 - يانۋار كۈنى ئېچىلغان نوپۇس، بايلىق ۋە مۇھىت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارتكوم باش سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن "ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نوپۇس، بايلىق ۋە مۇھىت خىزمىتى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە . ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نوپۇس ، بايلىق ۋە مۇھىت ۋەزىيىتى تازا كۆڭۆلدىكىدەك ئەمەس"، دېگەن .

ۋاڭ سۆزىدە يەنە يىغىنغا قاتناشقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى داۋاملىق كونترول قىلىش بىلەن پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ھەقىقى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن .

بۇ ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇ ساھەلەردىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئېتىراپ قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي رادىئوسى مەزكۇر يىغىن ھارپىسىدا بەرگەن خەۋىرىدە ۋاڭنىڭ سۆزىگە قارشى ھالدا "نوپۇسنى كونترول قىلىش خىزمىتى كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى . 25 يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا 2 مىليون 800 مىڭ ئادەم ئاز تۇغۇلۇپ 60 نەچچە مىليارد يۇئەن تېجەپ قىلىندى" دەپ مەلۇمات بەرگەن ئىدى.

خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ھالدا تۇغۇت پىلانلىرىغا زورلىنىۋاتقانلىقى، بايلىقلىرىدىن بەھرىمان بولالمايۋاتقانلىقى ھەمدە مۇھىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەخسۇس دوكلاتلار تەييارلاپ ئېلان قىلماقتا . (ئىلتەبىر )