ئەنجۇدان دورا ئۆسۈملۈكى يوقاپ كېتىش گىرداۋىغا يولۇقماقتا
2005.02.08
ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە، ئەنجۇدان دورا ئۆسۈملۈكى يوقاپ كېتىش گىرداۋىغا يولۇقماقتا. خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 8 - فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەنجۇداننىڭ تۈرى 20 نەچچە خىل بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دورا تۈرىگە كىرىدىغانلىرى فۇكاڭ ئەنجۇدانى ۋە غۇلجا ئەنجۇدانى دەپ ئاتىلىدىكەن . بۇ خىل ئۆسۈملۈك ئاساسەن غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاش يېزىسىدا كۆپ ئوسكەندىن سىرت، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە 40 مىڭ مو يەرلىك ئەنجۇدانزارلىق بار بولۇپ، فۇكاڭ ئەنجۇدانى فۇكاڭدا كۆپ ئۇچرايدىكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، 1958 -يىلى، قاش يېزىسىدىن بىر يىلدا 5000 كىلو ئەنجۇدان يىغىلغان بولۇپ، قاش يېزىسى يولىنىڭ ئىككى قاسنىقى ئەنجۇدان بىلەن ئورالغان ئىكەن.
بىراق، دورىگەرلىكتە ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئەنجۇدان ئۆسۈملۈكى، قوغداش خىزمىتىنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلماسلىقى سەۋەبىدىن نۆۋەتتە يوقاپ كېتىش گىرداۋىغا يەتكەن. (ئەقىدە)