ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر خەلق قۇرۇلتىيىدا مۇھىت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شەنبە كۈنى باشلىنىدىغان مەملىكەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بەزى ۋەكىللەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت مەسىلىسىنى، قۇرۇلتاينىڭ مۇزاكىرە كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جۇغراپىيىشۇناس لى جىجوڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇپراقنىڭ قۇملىشىش مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇھىم قوغداشنى كادىرلارنىڭ خىزمەت تۆھپىسىنى باھالايدىغان ئۆلچەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. لى جىجوڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جىڭ ناھىيىسىدە پويىز ئىستانسىسىنىڭ يېنىدىكى ئىسكىلاتنىڭ تېمى 10 يىل ئىچىدە قۇم ئاستىدا قالغان شۇنداقلا خوتەن دەرياسىنىڭ ۋادىسىدىكى ئىپتىدائىي توغراقلىقنىڭ ٪80 كېسىۋېتىلگەن.

نوپۇسنى كونترول قىلمىغاندا ئېكېلوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان لى جىجوڭ، "شىنجاڭدا يەر - زىمىن كەڭ ئادەم ئازلىقىنى تەكىتلەپ، ياشاشقا بولىدىغان جايلارنىڭ ئازلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك،" دەپ كۆرسەتكەن.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نوپۇسى يىلدا ٪ 17 ئەتراپىدا كۆپەيمەكتىكەن. ئانالىزچىلار، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ يىللىق تەبئىي كۆپىيىش نىسبىتى ٪ 3 گە يەتمەيدىغانلىقىئىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ٪ 17 كۆپىيىش رايونغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىۋاتقان كۆچمەنلەر نۇپۇسىدىكى ئارتىشنى ئاساس قىلغان. ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكىلىرى بويىچە، رايوندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ 1950 - يىلدىكى سانى ئومۇمى نوپۇسنىڭ ٪ 6 نى ئىگىلەيتتى. ھازىر رايوندىكى خىتاي نوپۇسى ٪ 47 گە چىققان. (ئەركىن)