ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇھىت مەسىلىسى يىلدىن يىلغا ئېغىرلاشماقتىكەن


2005.06.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت قوغداش ئىدارىسى، "ئاپتونوم رايوننىڭ 2004 - يىللىق مۇھىت ئەھۋالى" توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، رايوننىڭ مۇھىت ۋەزىيىتىدىكى چېكىنىش ئەھۋالىدا ياخشىنىلىش بولمىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇھىت قوغداش ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئاپتونوم رايوندىكى يايلاقلارنىڭ 85 ٪ دىن كۆپىرەكى ھالسىزلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 37 ٪ يايلاقنىڭ ھالسىراش دەرىجىسى ئېغىر ئىكەن.

2004 -يىلدا ئاپتونوم رايوندىكى 16 شەھەرنىڭ ھاۋاسى داۋاملىق بۇلغانغان. بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى 7 شەھەرنىڭ ھاۋاسى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىدىكى 3 - دەرىجىلىك ئۆلچەمگە يەتمەيدىكەن. شەھەر ھاۋاسىنىڭ سۈپىتى 2004 - يىلى ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا داۋاملىق ناچارلاشقان بولۇپ، قۇم يېغىش، قۇم بوران چىقىش سانى ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا كۆپەيگەن، تەسىر قىلىش دائىرىسى كېڭەيگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بويىچە مۇھىت بۇلغىنىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق 10 ئۆلكە ۋە رايوندا، ھەر يىلى مۇھىت بۇزغۇنچىلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىقتىسادى زىيان 18 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. بۇ ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلار سانشى، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، سىچۈەن، يۈننەن، گۇيجۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىلىك پىلانىدىكى ھەل قىلغۇچ رايون ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەر، رايوندا مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشىغا كۆچمەنلەر ۋە تەبىئەتنى پىلانسىز ئېچىش قاتارلىقلار سەۋەپ بولماقتا، دەپ كۆرسەتكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.