غەربىي دىيارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ
2005.08.24
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا، غەربىي دىيارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاپ چىقارغان بىر پارچە دوكلاتىدا، خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىدا تۈپ ياخشىلىنىش بولمىغانلىقى ھەمدە نۇرغۇن ئېكولوگىيە سېستىمىلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە كەينىگە چېكىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەنلىكى يېزىلغان. شۇنداقلا ئۇنىڭدا يەنە، بۇ ئەھۋالنىڭ كەلگۈسىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
مەزكۇر دوكلات، خىتاي پەن-تېخنىكا تەتقىقات جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ 2005 - يىللىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋاڭ ۋېنشىڭ، غەربىي رايونلاردا ئېلىپ بارغان ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ رايوندا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر يوقىلىشقا يۈزلىنىش، يەرلەرنى قۇم بېسىپ كېتىش ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ بىر قەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى دوكلات قىلغان.
لېكىن بۇ يىغىندا، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ بۇ رايونلارنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەلقئارادىكى بىر قىسىم مۇھىت قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار ھەمدە تىبەت ۋە ئۇيغۇر داۋاسىنى قىلىدىغان ئورۇنلار، خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ ھەرگىزمۇ يەرلىك خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ جايلاردا ئېلىپ بارىدىغان قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مەزكۇر رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. (پەرىدە)