تەڭرىتاغ مۇز تاغلىرىدىن ئىنسانلارنىڭ ئاتموسفېرانى بۇلغىغانلىق ئىسپاتلىرى تېپىلدى

مۇتەخەسسىسلەر تەڭرىتاغدىكى مۇز تاغ قاتلىمىدىن ئىنسانلارنىڭ ئاتموسفېرانى بۇلغىغانلىقىغا ئائىت ئىسپاتلارنى بايقىدى. بۇ نەتىجە، ئىنسانلار ئولتۇراقلاشمىغان يىراق جايلارنىڭمۇ بۇلغۇنۇشقا ئۇچرىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، مۇتەخەسىسىسلەر تەڭرىتاغدىكى 1‏-نومۇرلۇق مۇز تاغنىڭ 1955‏- يىلدىن 1998‏- يىلىغىچە شەكىللەنگەن مۇز قاتلىمىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئىنسانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلغىنىشلارنى بايقىغان. نەتىجىدە تەڭرىتاغ ئاتموسفېراسىنىڭمۇ ئاللىقاچان بۇلغىنىپ بولغانلىقى ئىسپاتلانغان.

بۇ تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارغان خىتاي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇھىت گېئو-خىمىيىسى دۆلەتلىك نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى لى شىنچىڭ دوكلاتىدا، تەڭرىتاغنىڭ 1‏-نومۇرلۇق مۇز تېغىدا خاتىرىلەنگەن بۇلغانغان ماددا تەركىۋىنىڭ ئاساسلىقى،ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان شەھەر-كەنتلەردىكى كىشىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇز تاغلار ئاتموسفېرادىكى بۇلغىنىش تەركىۋىنى خاتىرىلەپ قالىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.

مۇتەخەسسىس لى شىنچىڭ، تەڭرىتاغلىرىدىكى ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك بىر ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە)