خىتاي ئۈرۈمچى مۇھىتى بۇلغانغان پەيتتە بۇلتۇرقىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ ساليوتنى بازارغا سالدى
2007.01.14
ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندە ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشى ئالاھىدە ئېغىر بولغان بولۇپ، خىتايدىكى ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەرلەر ئىچىدە ھاۋا بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر شەھەر بولغان. بۇ خىل ئەھۋال داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرماقتا.
گەرچە مۇتەخەسسىسلەر ئۈرۈمچى ھاۋا مۇھىتىنىڭ بۇلغۇنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ شەھەرنىڭ نوپۇس سىغىمچانلىقنىڭ ھەددىدىن زىيادە زىچلىقى ھەمدە قىش كۈنىدە ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ كۆمۈرنى ئاساسلىق يېقىلغۇ قىلغانلىقى ۋە يەنە ئاپتوموبىللارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما تەڭرىتاغ تورىدا ئۈرۈمچى دائىرلىرى ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغاۋاتقان ئاساسلىق ئامىل كاۋاپچىلارنىڭ كاۋاپ پىشۇرۇشقا كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىۋاتقانلىقى دەپ كۆرسەتتى.
ئەمما ئۇيغۇر كاۋاپچى تىجارەتچىلەردىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا نۆۋەتتە كاۋاپچىلار كاۋاپلىرىنىڭ بازار تېپىشى ھەمدە مۇھىتنى بۇلغىماسلىق ئۈچۈن ئوتۇندا كاۋاپ پىشۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار دائىرىلەرنىڭ ھاۋا بۇلغۇنىشنىمۇ چەكلىك ساندىكى كاۋاپ تىجارەتچىلىرىگە دۆڭگىگەنلىكىنىڭ ھېچكىمنى قايىل قىلالمايدىغان ئەخمىقانىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاي دائىرلىرى ئۈرۈمچى ھاۋا مۇھىتىنىڭ ئېغىر بۇلغانغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەنتىقە جەھەتتىن زىددىيەتلىك ھالدا، بۇ يىل خىتاينىڭ چاغان بايرامغا ئۈلگەرتىپ بۇلتۇرقىغا قارىغاندا تۆت يۈز خىلدىن ئارتۇق سالىيوتنى كۆپەيتىپ بازارغا سالغانلىقىنى ھەر قايسى خەۋەر تور بەتلىرىدە خەۋەر قىلدى. شۇنداقلا ئۈرۈمچىدە بۇ يىل بۇلتۇرقىغا قارىغاندا ئۈچ ھەسسە كۆپ ساليوت سېتىلىدىكەن.
ئەمەلىيەتتە ساليوت ئېتىش ھاۋانى ئەڭ قاتتىق بۇلغۇغۇچى بويۇم بولۇپ، خىتاينىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە بىر قانچە يىل ئىلگىرىلا ساليوت ئېتىشقا چەك قويغان ھەتتا بەزى شەھەرلەر پۈتۈنلەي چەكلىگەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈرۈمچىدە نەپەس يولى كېسەللىكلىرى كۆپەيدى
- ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشىنى ئاساسلىق كۆمۈر ئىسى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا
- ئۈرۈمچىدىكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىش دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا
- خىتايدا ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئەڭ ئېغىر جاي ئۇيغۇر يۇرتلىرى
- تەڭرىتاغ مۇز تاغلىرىدىن ئىنسانلارنىڭ ئاتموسفېرانى بۇلغىغانلىق ئىسپاتلىرى تېپىلدى