مۇقام، ب د ت نىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا ئاغزاكى ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت بايلىقلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە سۇنۇلدى

ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مىراسى بولغان 12 مۇقامى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ 2004 - يىللىق ئىنسانلار ئارىسىدا ئاغزاكى ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت بايلىقلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە سۇنۇلدى, شۇنداقلا بۇنىڭ نەتىجىسى كېلەر يىلى 7 -ئايدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ خىتاينىڭ 12 مۇقامنى ب د ت تىزىملىكىگە تۇنجى قېتىم سۇنىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي كۇنچۇ ئوپېراسى ۋە گۇچىن يەنى قالۇن دەپ ئاتالغان يەتتە تارلىق چالغۇ ئەسۋابىنى مەزكۈر تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى.

ناخشا-ئۇسۇل ۋە مۇزىكا زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن 12 مۇقام سەنئىتىنىڭ قاچان باشلانغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق خاتىرە بولمىسىمۇ، لېكىن كۆپ قىسىم تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ ئىپەك يولى شەرق بىلەن غەرپ مەدەنىيىتىنى باغلىغان مەزگىلدە بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت مىراسى، ئىنسانلار ئارىسىدا ئاغزاكى ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت بايلىقلىرى، مەدەنىيەت تارقاتقۇچى ھايات بايلىق، خەتەر ئاستىدىكى تىل ۋە دۇنيادىكى قەدىمىي مۇزىكىلار دەپ 4 چوڭ تۈردىن تەشكىل قىلغان بولۇپ، ب د ت بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شەخس ياكى مەدەنىيەت-سەنئەت بايلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن. (پەرىدە)