مۇقام ۋارىسلىرىنى تەربىيىلەش مەركەزلىرى ئېچىلماقچى
2005.03.29
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مىراسى بولغان 12 مۇقامنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن، بۇ يىل قەشقەر، غۇلجا، ئاقسۇ ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا مۇقام سەنئىتى ۋارىسلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى قۇرۇلماقچى.
خىتاينىڭ شىنخئۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مۇقام سەنئىتىنى قوغداش ئىشلىرىدا نۆۋەتتە ۋارىسلارنىڭ ئاز بولىشى، تەربىيىلەش سورۇنلىرىنىڭ كەم بولىشى، شۇنداقلا ئومۇملىشىش دائىرىسىنىڭ تار بولىشى قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مۇقام سەنئىتى ۋارىسلىرىنى تەربىيىلەش مەركەزلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى يەرلىك ئورۇنلاردا يىتەرلىك مۇقامچىلارنى تەربىيىلەپ، بىر ۋە ياكى بىر قانچە مۇقامنى مۇكەممەل ئورۇنلىيالايدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ھەر قايسى مەركەزلەردە پېشقەدەم مۇقام ئۇستازلىرى ئاغزاكى ۋە يازما تەلىم بېرىش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ ياش مۇقامچىلارنى تەربىيىلەيدىكەن.
ناخشا- ئۇسۇل ۋە مۇزىكا زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن 12 مۇقام سەنئىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئېنىسكلوپېدىيە ۋە تىرىك مەدەنىي يادىكارلىق دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.
12 مۇقام سەنئىتى ئۆتكەن يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم- پەن ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا ئاغزاكى ساقىلىنىۋاتقان مەدەنىيەت بايلىقلىرى تىزىملىكىگە سۇنۇلغان ئىدى. ئەگەر ئۇ بۇ يىل 7 - ئايدا تەستىقلانسا، ب د ت ئۇنى قوغداش ۋە داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىدۇ. (ئارزۇ)